باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچ خىل ھۆكۈمەت راسخوت خامچوتىنى ئېلان قىلدى

2014.04.08 08:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2014-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئۈچ خىل ھۆكۈمەت راسخوتى ۋە خامچوتىغا 396 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 2013-يىلدىن 33 مىليون 150 مىڭ يۈەن ئازىيىپ، %7.71 تۆۋەنلىگەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل راسخوتى ئىچىدە ھۆكۈمەت پۇلىغا چەتئەللەرگە چىقىش راسخوتى%40، ھۆكۈمەت كۈتۈۋېلىش راسخوتى %30 ئازايغان. ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ۋە قاتناش قوغداش راسخوتى ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل راسخوتىدىكى مۇھىم تۈر بولۇپ، خامچوت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %87 نى ئىگىلىگەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ تۆۋەنلىشىدە تارماقلارنىڭ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تىجەشچان بولۇشتىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي تەننەرخنى تىزگىنلەشنى چىڭىتقانلىقى ۋە تۆۋەنلەتكەنلىكى ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل راسخوتىنىڭ چىقىم خامچوت دائىرىسىنى قىسقانلىقى ئاساسىي سەۋەب بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر