باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كىچىك ئىشتىن باشلاش كېرەك

2014.04.10 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوغرىلۇقچە ئاڭلاش،ئوغرىلۇقچە سۈرەتكە تارتىش مەخسۇس ئەسۋابلىرىنىڭ يامرىشى قاتارلىق پۇقرالارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە زىيان سالىدىغان قىلمىشلارنى نەزەردە تۇتۇپ، دۆلەتلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى،جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى،سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى يېقىندا ئوغرىلۇقچە ئاڭلاش، ئوغرىلۇقچە سۈرەتكە تارتىش مەخسۇس ئەسۋابلىرى ۋە ساختا ئاساسىي پونكىت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش بەلگىلىمىسىنى بىرلىشىپ تۈزۈپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى.

  شەخسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر تۈرلۈك ھوقۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن شەخسىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ. ئۇچۇر تېخنىكىسى تىز تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە پۇقرالارنىڭ شەخسىي مەخپىيەت ھوقۇقىنى قوغداش ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇچۇر بىخەتەرلىك كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش نىشانى پۇقرالارنىڭ شەخسى مەخپىيىتىنى قوغداپ تۈرلۈك ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ قالايمىقان زىيىنىدىن ساقلاش بۇنىڭ ئىچىدىكى تېگىشلىك مەجبۇرىيەت. ئۇچۇر مەخسۇس ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش،سېتىش،ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،شەخسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى چىڭىتىش، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىكىنى گەۋدىلەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر