http://uyghur.people.com.cn/ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى مەخسۇس تېمىسى: يەكەندە باھار
«ئەگەر بىر مۇخبىر مەندىن سىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىڭىز نېمە دەپ سورىسا، مەن شۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىمەنكى، يەكەندىكى بىر مىليون مو باداملىق باغ تولۇق مېۋىگە كىرىپ، يەكەن دېھقانلىرىنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسىگە ئايلانسا؛ يەكەندىكى 840 نەچچە مىڭ ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشسە، مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم ئىشقا ئاشقان بولاتتى.» بۇ يەكەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئەخەت سايىتنىڭ 3 – ئاپرېل يەكەن ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ساياھىتى ۋە 6 – نۆۋەتلىك بادام چېچىكى بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ بىزگە تەسىر قىلغان بىر قىسمى.دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى
ھۆپپىدە ئېچىلغان بادام چېچەكلىرىگە پۈركەنگەن قەدىمىي مەشھۇر يۇرت يەكەن شۇ كۈنى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. يەكەن ناھىيەسىنىڭ 1000 مولۇق ئۈگىلىك بادام بازىسى بولغان ئارال يېزىسىنىڭ 14 – كەنتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بايرامنىڭ باش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىنىش مۇراسىمى ئاجايىپ قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. سەھنىدە «بايرام تەنتەنىسى»، «يەكەن مارشى»، «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل»، «چىچەكزارلىقتىكى شادلىق ساداسى»، «يىپەك يولىدىكى ساھىبجاماللار» قاتارلىق ناخشا – ئۇسسۇل نومۇرلىرى كەينى – كەينىدىن ئورۇندىلىۋاتاتتى، سەھنىنىڭ يان تەرىپىدە ئەر – ئايال دېھقان رەسساملار ئىشتىياق بىلەن رەسىم سىزىۋاتاتتى، يەنە بىر چەتتە دېھقان خەتتاتلار ھۆسنخەت يېزىۋاتاتتى. ساياھەتچىلەر بادام چېچەكلىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتاتتى.
چۈشتىن كېيىن تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ بويىغا جايلاشقان قاراسۇ يېزىسىدىكى قۇملۇق سەيلىگاھىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋى مەشرەپ، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، چىلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىرەر تال گىياھمۇ كۆرۈنمەيدىغان بۇ قۇملۇققا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغانىدى، رەڭگارەڭ كېيىنگەن سەنئەتكارلار ۋە ساياھەتچىلەر يېراقتىن قارىغاندا كىشىگە قۇملۇقتا ئېچىلغان گۈللەردەك تۇيغۇ بېرەتتى، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، يازغۇچى مۇھەممەتسالىھ مەتروزى شائىرانە ھېسسىياتى بىلەن بۇ مەنزىرىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى مۇنداق يېغىنچاقلىغانىدى: «يەكەن دېھقانلىرىنىڭ يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان خوشاللىقىنى قۇملۇقتىكى ناخشا – ئۇسسۇل ۋە كۆڭۈللۈك دەملەردىن كۆرۈش ئادەمگە يەنە بىر ئۆزگىچە تۇيغۇ بەخىش ئېتىدىكەن.»
مېھمانلار قۇملۇقتىكى بەزمىدىن قايتىپ، «يىپەك يولى» يەكەن مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئارقىدىن يەكەن مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۇستاز ۋە شاگىرىت مۇقامچىلار ئورۇندىغان مۇقامدىن ھۇزۇرلاندى، كەچتە مۇقام كىنو – تىياتىرخانىسىدا شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى ئورۇندىغان سەنئەت جەۋھەرلىرىنى كۆردى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ

eamil: uyghur@people.cn 010- 6536 8367/ 65
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved
بەت لايىھەلىگۈچى، مەسئۇل مۇھەررىر: ئالىم راخمان
چوققىغا قايتىش