باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپ دېلولارنى ھەر ھەپتىدە ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئاشكارىلايدۇ

2014.04.09 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرى: 1-ماي ئەتراپىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى 8-چېسلا «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش نازارەتچىلىك-پاش قىلىش سەھىپىسى تەسىس قىلىپ، يېقىندا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلغان سەككىز بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ 183 دېلونى ئاشكارىلىدى.
بۇ سەھىپىدە ئۈچ تارماق سەھىپە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىككىسى بىۋاسىتە ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى. «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى پاش قىلىش كۆزنىكى ئارقىلىق، ئامما سەككىز بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى بىۋاسىتە پاش قىلالايدۇ؛ يوشۇرۇن «تۆت خاھىش»نى ئاشكارىلاش سەھىپىسى ئارقىلىق، ئامما ھۆكۈمەت پۇلىغا سېتىۋېلىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سوۋغات كارتىسى قوبۇل قىلىش قاتارلىق يوشۇرۇن «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى پاش قىلىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتەلەيدۇ.
ئۈچىنچىسى ئاشكارىلاش سەھىپىسى بولۇپ، جايلار ۋە تارماقلار تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلغان سەككىز بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرى جەملىنىپ، ھەر ھەپتىدە ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى بىلەن ئاشكارىلىنىدۇ. (ۋاڭ مېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر