باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تاموژنا ئاپپاراتلىرى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنى قاپلىدى

2019.04.03 10:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋىي خەۋەر قىلىدۇ: «ئاقسۇ تاموژنىسى ۋىۋىسكا ئاسقاندىن كېيىن، بىز مۇشۇ يەردىلا تاموژنا كەسىپلىرىنى بېجىرەلەيدىغان بولدۇق، ۋاقتىمىز زور دەرىجىدە تېجەلدى.» 3- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئاقسۇ فاڭچېڭ شېڭخې ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى يوۋ جيەنجۈن تېلېفوندا مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  3- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئاقسۇ تاموژنىسىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى، بۇ، ئۈرۈمچى تاموژنىسى بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيتىپ تەسىس قىلغان ياكى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن باشقارما دەرىجىلىك ئالتە قاراشلىق تاموژنىنىڭ بىرى. بۇنىڭ بىلەن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى شىنجاڭدىكى ئاساسلىق چېگرادىن كىرىش - چىقىش پورتلىرىنى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنى تاموژنا ئاپپاراتلىرى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  يوۋ جيەنجۈن ئىلگىرى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئالتە سائەتكە يېقىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، قەشقەر تاموژنىسىغا بېرىپ بېجىرەتتى، بېرىش - كېلىشكە نۇرغۇن ۋاقىت كېتەتتى. نۆۋەتتە، ئاقسۇ فاڭچېڭ شېڭخې ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۇنجى تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئامبىرىنى قۇرۇۋاتىدۇ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىگە ماكانلاشقان كارخانىلارنى ئالاقىدار ئىمپورت - ئېكسپورت كەسپى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  2018- يىلى ئاپپارات ئىسلاھاتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئەسلىدىكى چېگرادىن كىرىش - چىقىش پىرىيوم - كارانتىن فۇنكسىيەسى ۋە قوشۇن ئومۇمىي گەۋدىسىنى تاموژنا سىستېمىسى خىزمىتىگە كىرگۈزۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىي تەۋەلىكىدىكى 15 تاموژنىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى، ئۈرۈمچى پوچتا ئىدارىسى تاموژنىسى، كورلا تاموژنىسى، ئاقسۇ تاموژنىسى، جېمىنەي تاموژنىسى، خوتەن تاموژنىسىدىن ئىبارەت ئالتە تەۋەلىك تاموژنا ئورنىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى ياكى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

  ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تاموژنا باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دىڭ جىباۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى ئاپپاراتنىڭ تەسىس قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ تاموژنا ئاپپاراتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەسى ۋە ھوقۇق - مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئۈرۈمچى تاموژنىسى داۋاملىق مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، مۇقىم، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇھىتى يارىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر