باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش

مەركەزدىكى 102 تارماق خامچوتىنى ئاشكارىلىدى

2019.04.03 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاينىڭ 2-كۈنى، 2019-يىللىق مەركەز تارماقلىرى خامچوتى جەمئىيەتكە مەركەزلىك ئاشكارىلىنىپ، خامچوتىنى ئاشكارىلىغان مەركەز تارماقلىرى 102گە يەتتى. بۇنى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، 13 تارماق ئاشتى.

  2019-يىللىق مەركەز تارماقلىرى خامچوتىنى ئاشكارىلاش ۋاقتى 2018-يىلدىكىدىن مۇددەتتىن 11 كۈن بۇرۇن بولدى. خامچوتنى ئىجرا قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى بالدۇر پىلانلاپ، تارماقلارنىڭ خامچوتىغا تەستىقىي جاۋاب بېرىش تەييارلىق خىزمىتىنى ۋاقىتىدا، ياخشى ئىشىلىدى. بۇ يىللىق خامچوت تەستىقىي جاۋابقا بالدۇر ئېرىشكەچكە، بالدۇر ئاشكارىلاندى.

  ئاشكارىلاش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلۈپلا قالماي، ئاشكارىلىغان تارماقلارمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2019-يىلى، 102 مەركەز تارمىقى تارماق خامچوتىنى ئاشكارىلاپ، 2018-يىلدىكىدىن 13ى ئاشتى.مەركەزدىكى ھەرقايسى تارماقلار خامچوت جەدۋىلىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرگە، ئورگان يۈرۈشتۈرۈش خىراجىتى، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، دۆلەت مۈلكىنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش، خامچوت نەتىجە ئۈنۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىغان تۈرلەر قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئىزاھات بېرىپ، كەسپىيلىكى بىر قەدەر كۈچلۈك ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرۈپ، ئامما تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ، ئېنىق چۈشىنەلەيدىغان بولدى.

  مەركەز تارماقلىرى ھەر يىلى خامچوت ئاشكارىلىغاندا، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى» چىقىمى بولىدۇ. بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئادەتتىكى چىقىمنى %5تىن ئارتۇق كېمەيتىش، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى» چىقىمىنى يەنە %3 ئەتراپىدا كېمەيتىش ئېنىق تەلەپ قىلىندى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى ئاشكارىلىغان تارماقلارنىڭ خامچوتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى مالىيە خامچوتى نازارەتچىلىك خىراجىتى، مالىيە تەكشۈرۈش كەسپى مەخسۇس خىراجىتى قاتارلىق ئادەتتىكى چىقىملار %5تىن تۆۋەن بولمىغان ئاساستا كېمەيتىلىش بىلەن بىرگە، خەلقئارا تەشكىلات پاي دەسمايىسى مەخسۇس خىراجىتى، دۆلەت خەزىنىسى مەركەزلىك كىرىم-چىقىمىنىڭ بانكا ۋاكالەتچىلىكى مەخسۇس خىراجىتى قاتارلىق چىقىملارغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى ئالاقىدار چىقىم تۈرىدە نامايان قىلىنغان.

  تارماقلار خامچوتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى كۈچەيتىپ، تۈر خامچوتىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، 2019-يىلى «مەركەز تارماقلىرىنىڭ خامچوت لايىھەسى»گە كىرگۈزۈلۈپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈشىگە 50 تۈر سۇنۇلدى، بۇ بۇلتۇرقىدىن 14ى ئاشتى. بۇ قېتىم تارماقلارنىڭ خامچوتىنى ئاشكارىلىغاندا، بۇ 50 تۈرنىڭ ئەھۋالىمۇ قوشۇپ ئاشكارىلاندى. 2019-يىلى مەركەز تارماقلىرىنىڭ نەتىجە ئۈنۈمىنى نىشانلىق ئاشكارىلاش سالمىقى زورايتىلىدۇ، بۇ خامچوت نەتىجە ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم قەدەمنىڭ بېسىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر