خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاپرېلدىن باشلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى، شياڭگاڭ-ئاۋمېن يول خېتى، تەيۋەنگە بېرىپ كېلىش يول خېتى قاتارلىق چېگرادىن چىقىش-كىرىش كىنىشكىلىرىگە قارىتا «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش» يولغا قويۇلدى، ئىچكىرى جايلاردىكى ئاھالىلەر مەملىكەت بويىچە خالىغان بىر چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش كۆزنىكىدە يۇقىرىقى چېگرادىن كىرىش-چىقىش كىنىشكىلىرىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى بىلەن بىردەك بولىدۇ.
سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرىنىڭ يۇڭنيەن رايونلۇق ج خ ئىدارىسى چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىدە، يېڭى ئالغان پاسپورتىنى كۆرسەتمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى