باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«چيەنباۋ تورى» دېلوسىغا 1-سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىلدى

2019.04.02 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار جاڭ شياۋلېينىڭ مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقى دېلوسىغا قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت ئاچتى. نەنجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇپ ئەيىبلەشنى قوللىدى، جاۋابكار جاڭ شياۋلېي ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى.

  نەنجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 2011- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ دېلو يۈز بەرگەن مەزگىلگىچە، جاۋابكار جاڭ شياۋلېي يۇقىرى سوممىلىق پايدىنى يەمچۈك قىلىپ، «چيەنباۋ تورى» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق جامائەتتىن قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان؛ جاڭ شياۋلېي قوبۇل قىلىنغان مەبلەغنىڭ ئاساسلىق ئىشلىتىلىش ئورنىنى يوشۇرۇپ، كۆپ قىسىم غەملىمە پۇلنى دېرى ۋە ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا ئىشلەتكەن، يۇقىرى سوممىلىق ئىش ھەققى تارقاتقان ۋە شەخسىي ئىشىغا ئىشلەتكەن، بۇزۇپ-چېچىپ ئىستېمال قىلىپ، پەۋقۇلئاددە زور ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2017-يىلى 12- ئاينىڭ 26-كۈنى، جاڭ شياۋلېي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. ئەيىبلىگۈچى ئورگاننىڭ قارىشىچە، جاۋابكار جاڭ شياۋلېينىڭ قىلمىشى مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقى جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ ئەيىبلەنگەن پاكىت ئۈستىدە سوتتا تەكشۈرۈش ۋە سوت مۇنازىرىسى ئېلىپ باردى، جاڭ شياۋلېي ئەڭ ئاخىرىدا سۆز بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سوت مۇۋاپىق ۋاقىتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىدۇ.

  مەملىكەتلىك، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇتەخەسسىس-ئالىملار، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، بىر قىسىم مەبلەغ توپلاش ئىشتىراكچىلىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسى بولۇپ 50 نەچچە كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر