خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا، يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردېرن بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ يېڭى زېلاندىيەدە يېقىندا يۈز بەرگەن ئېغىر ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى يۈزىسىدىن ئاردېرندىن يەنە بىر قېتىم سەمىمىي ھال سورىدى، ئاردېرن رەھمەت ئېيتتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش روھىغا ئەمەل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مەنپەئەتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئومۇمىي قائىدىسىنى تېپىپ، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى