4-ئاينىڭ 1-كۈنى، نېپالنىڭ بارا رايونىدا، بىر ئەر ئۆزىنىڭ بوران-چاپقۇندا ۋەيران بولغان ئۆيىدىن چىقماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نېپالنىڭ جەنۇبى قىسمى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە بوران-چاپقۇن ۋە چاقماق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 25 ئادەم ئۆلۈپ، 400 ئادەم يارىلاندى. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بوران-چاپقۇن ۋە گۈلدۈرمامىلىق ھاۋارايى شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت يەتتىدىن ئاشقاندا باشلانغان بولۇپ، تەخمىنەن بىر سائەت داۋاملاشقان. ئۆلۈم- يېتىم كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئۆي ۋە ئاپتوموبىللارنى زىيانغا ئۇچراتقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى