باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنادا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

كومېدىيە ئارتىسى زېلېنسكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى

2019.04.02 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلدى، كومېدىيە ئارتىسى زېلېنسكىنىڭ ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى زور دەرىجىدە ئالدىدا تۇردى، لېكىن يېرىمدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، 21-ئاپرېل 2-نۆۋەتلىك، يەنى ھەل قىلغۇچ بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىپ، ھازىرقى زۇڭتۇڭ پوروشېنكو بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.

  خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، قىلچىمۇ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبىسى يوق زېلېنسكىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرغانلىقى ئۇكرائىنا خەلق ئاممىسىنىڭ چىرىكلىكتىن ئىنتايىن بىزار بولۇپ، سىياسىي سەھنىگە «يېڭى ھاياتىي كۈچ» قوشۇلۇشىغا تەشنا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

  زېلېنسكى بۇ يىل 41 ياشتا بولۇپ، ئىلگىرى سىياسىي ساتىرىك كومېدىيە «خەلقنىڭ چاكىرى»دا باش رول ئېلىپ، كىشىلەرگە تونۇلغان. تىياتىردا ئۇ تارىخ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ رولىنى ئالىدۇ، بىر بۆلەك سىن سەۋەبلىك، كۈتۈلمىگەندە «تور چولپىنى»غا ئايلىنىپ، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنىدۇ. بۇ «ئاۋامدىن چىققان زۇڭتۇڭ» دۆلەتنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ، پائال ئىسلاھ قىلىپ، سىياسەتۋازلار، دوكارلار بىلەن ئېلىشىدىغان بولغاچقا، بۇ تىياتىر تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر