باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئومۇمىي مىقدارىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ

بۇ يىل 2 مىليون 100 مىڭ مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ

2019.04.02 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز <ئاپتونوم رايوننىڭ يەر قايتۇرۇپ سۇنى ئازايتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى>نى تۈزۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونىنى داۋاملىق يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇش ۋە سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئومۇمىي مىقدارىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، 2020- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى سۇغىرىدىغان سۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتىنى 0.57گە يەتكۈزۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ» دېدى 3- ئاينىڭ 29- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى لى گېڭشېڭ تونۇشتۇرۇپ.

  بۇلتۇر شىنجاڭدا 2 مىليون مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى شەكىللەندۈرۈلۈپ، 22 چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونى ۋە 19 ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ داۋاملىق قۇرۇش ۋە سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈر قۇرۇلۇشى تاماملاندى. بۇ يىل سۇ تېجەشنى يېتەكچى قىلغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇغىرىش - سۇنى چىقىرىۋېتىش كاپالەت سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈك تېز تولۇقلىنىپ، 2 مىليون 100 مىڭ مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 1060 كىلومېتىر ئۆستەڭ سۇ سىڭمەس قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ.

  شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى گۈزەل كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى مۇسا كىبىر تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسى مەشغۇلاتىغا پىششىق بولۇپ كەتتى. 2017- يىلى ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 مىليارد 262 مىليون يۈەن بولغان، كۆلىمى 500 مىڭ موغا يېتىدىغان ئۆگەن دەرياسى سۇغىرىش رايونى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ كىرىمنى ئاشۇرۇش سىناق نۇقتىسى تۈرى قوزغىتىلىپ، نۇرغۇن دېھقان مۇساغا ئوخشاش يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ئېلىپ كەلگەن ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. «سۇ تېجىلىپلا قالماي، كېۋەزمۇ ياخشى ئۆسىدىكەن، ھەر مو يەردىن خېلى كۆپ كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن» دېدى مۇسا مۇخبىرغا تېلېفوندا.

  قۇتۇبى ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسى، پىچان ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ دەسلەپكى سۇ ھوقۇقى كىنىشكىسى دېھقانلارغا تارقىتىپ بېرىلدى. قۇتۇبى ناھىيەلىك سۇ باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى جاۋ يۈەنجۈن تېلېفوندا مۇنداق دېدى: «ھازىر قۇتۇبى ناھىيەسى سۇغىرىش رايونى بىلەن سۇغىرىش رايونى، ئاھالە بىلەن ئاھالە، كەنت بىلەن كەنت ئارىسىدىكى سۇ ھوقۇقى سودىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇنىڭ تاۋار خاراكتېرىنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، سۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى».

  «بۇلتۇر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان ئەڭ قاتتىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تەدبىرىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلدى. بۇ يىل، شىنجاڭ دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ ئېلىش مىقدارىنى 45 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىردا كونترول قىلىش، يەر ئاستى سۇ ئېلىش، ئىشلىتىش مىقدارىنى 9 مىليارد 900 مىليون كۇب مېتىردا كونترول قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى لى گېڭشېڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر