خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 27- كۈنى، موزامبىك بېلا شەھىرىنىڭ يىراق ئەتراپىدىكى بىر ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ تىببى خادىملىرى بىر بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.
موزامبىكقا بېرىپ خەلقئارا قۇتقۇزۇشنى يولغا قويغان جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتى 27- مارتتىن 28- مارتقىچە كۈچلۈك ئىسسىق بەلباغ سىكلونى «ئىدې»نىڭ ئېغىر ئۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان ئوتتۇرا قىسمىدىكى سوفارا ئۆلكىسىدە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ئىككى كۈندىن بۇيان، جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ تارماق ئەترەت ئەۋەتىپ، سوفارا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بېلا شەھەر رايونى، يىراقتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى ۋە بۇجى دەرياسى ۋادىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى