باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «مەمۇرلارغا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ بېرىش بەلگىلىمىسىنى تارقاتتى

2019.03.28 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «مەمۇرلارغا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ بېرىش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار، تاماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. «مەمۇرلارغا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ بېرىش بەلگىلىمىسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى باپ، ئومۇمى پىرىنسىپ

  1-ماددا، مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرلارغا قارىتا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ بېرىش، دەرىجە بىلەن تەمىناتنى باغلاش تۈزۈمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، بۇ بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلدى.

  2-ماددا، دۆلەت مەمۇرلارنىڭ ئەمەل تۈرى ۋە مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، مەمۇرلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەزىپە تەرتىپىنى تەسىس قىلىدۇ.

  بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان ۋەزىپە دەرىجىسى بولسا مەمۇرلارنىڭ دەرىجە تەرتىپى بولۇپ، رەھبەرلىك ۋەزىپىسى بىلەن تەڭ بېرىلىدىغان ئۆستۈرۈش يولىدۇر، بۇ، مەمۇرلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، كەسپىي ئىقتىدارى، خىزمەت ئىستاژى تۆھپىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بولۇپ، مائاش، ئولتۇراق ئۆي، داۋالىنىش قاتارلىق تەمىناتلىرىنى بېكىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىگە ئىگە بولمايدۇ.

  مەمۇرلار رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ياكى ۋەزىپە دەرىجىسى ئارقىلىق ئۆستۈرۈلسە بولىدۇ. رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەمۇرلار رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغان ۋەزىپە دەرىجىسىدىكى مەمۇرلار تەۋەلىك مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىقنى قوبۇل قىلىپ، مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىدۇ.

  3-ماددا، مەمۇرلار ئارىسىدا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش __ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەلىپىگە ماسلىشىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، جۇڭگوچە مەمۇرلار تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرلار ۋەزىپىسى تەسىس قىلىش چارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، دەرىجە تەرتىپىنى ئورنىتىپ، ۋەزىپە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ۋەزىپە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، مەمۇرلارنىڭ مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەش، زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە قازىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر