خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-مارت پارىژدا جۇڭگو_فىرانسىيە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى يەنىلا مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. 2018-يىلى جۇڭگو ئۇدا ئۈچ يىل گېرمانىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇشنى ساقلاپ، گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا سالغان ئەمەلىي مەبلىغى تەخمىنەن %140 ئاشتى. بىز ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نىشانى ۋە ئويىنى بېكىتتۇق. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش ئىرادىسى مۇستەھكەم، گېرمانىيە ۋە ياۋروپاغا بولغان ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە كېڭەيتىش سەمىمىيىتى بار. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىدىكى ئاساسىي گەۋدىنى داۋاملىق زورايتىپ، پۇختىلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى