باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2019- يىللىق يىغىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى فوكۇسلىدى

2019.03.28 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2019- يىللىق يىغىنى 27- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى:

  يەر شارىلىشىش ئۈچۈن «يول ياساش»نىڭ شۆبە مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار يەر شارىلاشقان يۇمشاق ۋە قاتتىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى قانداق قىلىپ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە بولىدۇ، جامائەت مەھسۇلاتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»ىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئورتاق بەرپا قىلىشقا بولىدۇ، دېگەندەك تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا، چوڭقۇر ھەم كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جاڭ يەنشېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مەسئۇلىيەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەمشاد ئەختار، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى جىن لىچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى پرودى، جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى زۇ جيايى، رۇسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى زۇبكوف قاتارلىق سىياسىي ۋە سودا ساھەسىدىكى زاتلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر