باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كانادا ساقچى تەرەپ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلىشقا قاتناشقان، دەپ گۇمان قىلىنغان بىر ئەرنى قولغا ئالدى

2019.03.27 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كانادا ساقچى تەرەپنىڭ 26-مارت دېيىشىچە، ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى ئونتارىئو ئۆلكىسى تورونتو شەھىرىدە، 23- مارت بىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلىشقا قاتناشقان، دەپ گۇمان قىلىنغان بىر ئەرنى قولغا ئالغان.

  تورونتونىڭ يورك رايونى ساقچى تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، ساقچى تەرەپ 26-مارت سەھەردە 35 ياشلىق بۇ ئەر گۇماندارنى قولغا ئالغان. ساقچى تەرەپ قالغان گۇماندارلارنىڭ تۇتقۇننى بىخەتەر قويۇپ بېرىشىنى ھەمدە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلغان.

  ساقچى تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، بىر جۇڭگولۇق ئەر ئوقۇغۇچى 23-مارت تورونتو رايونىنىڭ ماككۇم شەھىرىدىكى بىر ياتاق بىناسىنىڭ يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا، نىقابلىنىۋالغان ئۈچ ئادەم تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر قارا ماشىنىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىلگەن، ئارقىدىن ماشىنا ھەيدەپ كېتىلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ دېلوغا چېتىشلىق ئاپتوموبىل شوپۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت جىنايەت گۇماندارىنىڭ كىيىنىشى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، دېلونى پاش قىلىش يىپ ئۇچى ئىزدىگەن. 25- كۈنى، ساقچى تەرەپ ئامما تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، تورونتو شەھىرىدە دېلوغا چېتىشلىق قارا رەڭلىك ماشىنىنى تاپقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ماشىنا ئىچىدە ئادەم يوق ئىكەن.

  دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى دەرھال يولغا قويۇپ، بىر تەرەپتىن كانادا ساقچى تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ساقچى تەرەپتىن تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىنى تېزدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا ئىمكانقەدەر ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر