باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىتالىيەنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى نەتىجىسىگە يۈكسەك باھا بەردى

2019.03.26 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئىتالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ئىتالىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار بۇ ھەقتە بەس-بەستە خەۋەر بەردى، ئىتالىيەنىڭ ھەر ساھەسىدىكىدىلەر سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتكە يۈكسەك باھا بېرىپ: بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ بەردى دەپ ھىسابلىدى.

  ئىتالىيە «24 سائەت قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋېرىدە مۇنداق دېيىلدى: رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، سودا قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى. خەۋەردە زۇڭتۇڭ ماتتارېللانىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەت ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش-پۈتكۈل ياۋروپانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

  ئىتالىيە «خەۋەرچى گېزىتى» ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىمزالىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ھەققىدە خەۋەر بەردى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ چۈشىنىش ئەسلەتمىسىدە تىرانسپورت ساھەسىدىكى يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە بىر يۈرۈش سودا ھەمكارلىقى جۇغلانغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى. ماقالىدە يەنە بۇ قېتىم ئىمزالانغان پورت، ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتى، بوشلۇق تېخنىكىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مۇددالىرى تەپسىلىي كۆرسىتىلدى.

  ئىتالىيە سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماتتىئولى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئىنتايىن مۇھىم، كەسىپ ساھەسىدىكىلەرگە يېڭى سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ، ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئىتالىيە ئاقىللار ئامبىرى خەلقئارا سىياسىي تەتقىقاتخانىسى ئاسىيا مەركىزىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى ئامىگىنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ۋە ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان ھۆكۈمەتلەر ئارا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىتالىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، ياۋروپاغا نىسبەتەنمۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، بۇندىن كېيىن بىز كەينىمىزگە بۇرۇلۇپ قارىغىنىمىزدا بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ بەرگەنلىكىنى بايقايمىز.

  ئىتالىيىلىك تارىخشۇناس فاردېللا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتالىيە قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگو بىلەن چوڭقۇر تارىخىي باغلىنىشچانلىققا ئىگە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى كۈچەيتتى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر