خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن پارىژ زۇڭلى مەھكىمىسىدە فىرانسىيە زۇڭلىسى فىلىپ بىلەن كۆرۈشتى .
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوـ فىرانسىيە دوستلۇقى چوڭقۇردۇر، جۇڭگوـ فىرانسىيە مۇناسىۋىتى كۈنسايىن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ يۈكسەك ئىرادە ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو-فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا قوشۇلدۇق. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە بىلەن مۇشۇ ئىككى دۆلەت ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى يېڭى بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ياخشى ئىنكاس قايتۇرۇشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى