باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى

ليۇ يۇڭفۇ، شۆھرەت زاكىر قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2019.03.28 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 26- كۈنى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە خوتەندە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىدى، ئورۇنلاشتۇردى. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ليۇ يۇڭفۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئالاھىدە غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، نۇقتىلار بويىچە ياردەم بېرىۋاتقان، يۆلەۋاتقان ئورۇنلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر خالىسانە ياردەم بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى، يۆلىدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بوشاشماسلىق، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلمىغىچە جەڭنى توختاتماسلىقتەك كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئوتتەك قىزغىن بولغان، بىر مەقسەتتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى نامايان قىلىپ، ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2019- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئەڭ ئېغىر بىر يىل بولۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملاش؛ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىپ خىزمەتلەرنى ياخشىلاش؛ كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ياخشى تۇتۇپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دەل جايىدا تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ، بىر مەقسەتتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ 2019- يىلىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە تېخىمۇ شانلىق جەڭ نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2020- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر