باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى

باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ياخشى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2019.03.26 14:53   مەنبە: خەلق تورى

باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ياخشى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

  سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ۋاڭ ياڭ قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ جامەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇللۇق، تۈپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دىققەت قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر بەلگىلەپ ئاساسنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىپ، ئۇزاققىچە ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنى بەرپا قىلىش لازىم.

  20-مارتتىن 25-مارتقىچە، ۋاڭ ياڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قەشقەر، تۇمشۇق، ئىلى، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە بىرىنچى سەپكە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە كۆپ قېتىم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم، ۋەزىيىتى سىجىل ياخشى بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىيدۇر. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە. مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارىتا يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى توغرا ئىجرا قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە زەربە بېرىش لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش ھوقۇق، مەجبۇرىيەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ راۋاجلاندۇرۇش لازىم. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە زەربە بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش لازىم. خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، «ئىتتىپاقلىق – تەنقىد − ئىتتىپاقلىق» ئۇسۇلى ئارقىلىق خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. نىشان، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەش ۋە ئىستېمال ئارقىلىق يۆلەشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، باغۋەنچىلىك، ساياھەتچىلىك، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىڭتۈەن − شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان «بالانىست تاش». ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى پەيدا قىلغان يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى ھەققىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا قاراپ راۋاجلىنىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشىلاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ئاساسىي ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش لازىم.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، ۋاڭ ياڭ يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئەزالىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار شەھەر، ئوبلاست، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرىغا بېرىپ، يەرلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر