باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى، موناكو كېنەزلىكى، فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

2019.03.28 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى، موناكو كېنەزلىكى، فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 27-مارت بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.

  شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ پارىژدىن ئايرىلىپ دۆلىتىمىزگە قايتىش سەپىرىگە چىقىش ئالدىدا، فىرانسىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى دىرۈج قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايرودرومغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو-فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، شى جىنپىڭ دېرۈجنىڭ ھەمراھلىقىدا قىزىل گىلەمدە مېڭىپ، ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭغا سالام بەردى. شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن فىرانسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر