باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.03.27 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا، «قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىشىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز، قولاي بېجىرىشىنى يۆنىلىش قىلىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمىنى پۈتۈن جەريان، تولۇق قاپلاش بويىچە ئىسلاھ قىلىش كېرەك. 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، مەملىكەت بويىچە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋاقتى 120 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىپ، ئۆلكە(ئاپتونوم رايون) ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەر قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى رامكىسى ۋە ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقىشى؛ 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بىلەن ئالاقىدار سىستېما سۇپىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشى؛ نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان رايونلار ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر