باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 4300دىن ئارتۇق كىشى بىر تەرەپ قىلىندى

2019.03.26 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى 2-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلەر 3107 قېتىم بولۇپ، 4304 ئادەم بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 3064 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىنىڭ خاراكتېرىدىن قارىغاندا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش 849 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات قوبۇل قىلىش، سوۋغات بېرىش 672 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش 444 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش-ئىشلىتىش 392 قېتىم، توي-تۆكۈن، مۇسىبەت ئىشلىرىنى ھەشەمەت ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى 253 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش 138 قېتىم، ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش مەسىلىسى 72 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش يەتتە قېتىم، باشقا مەسىلىلەر (ئۆلچەمدىن ئارتۇق مېھمان قىلىش ياكى كۈتۈۋېلىش، يۇقىرى ئىستېمال سەۋىيەسىدىكى چېنىقىش، ئىستىراھەت پائالىيىتىنى قوبۇل قىلىش ياكى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كىرىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇسى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولماسلىق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زىياپەت بېرىشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 280 قېتىملىق مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان كادىرلارنىڭ دەرىجىسىدىن قارىغاندا، نازىر دەرىجىلىك 45 كادىر، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك 566 كادىر بىر تەرەپ قىلىنغان.

  2019-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەردىن 8108ى بايقالغان، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلار 11 مىڭ 607 بولۇپ، 8455 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر