باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ كىنو فېستىۋالى كېلەر ئايدا باشلىنىدۇ

2019.03.26 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كىنو ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، 9- نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالى 13- ئاپرېلدىن 20- ئاپرېلغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  بۇ يىلقى كىنو فېستىۋالى دەل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ كىنو فېستىۋالىنىڭ ئاساسىي تېمىلىرى سۈپىتىدە ۋە «ئائىلە. دۆلەت» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئاساسىي مۇسابىقە بۆلىكىدىكى «تيەنتەن مۇكاپاتى»نى باھالاش ۋە ئۇ مۇكاپاتنى تارقىتىش، ئېچىلىش مۇراسىمى، بېيجىڭ كۆرگەزمىسى، بېيجىڭ بازىرى، كىنو بايرىمى، بېيجىڭ پىلانى. باش تېما مۇنبىرى، يېپىلىش مۇراسىمى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ھەر قايسى مۇكاپاتلارنى تارقىتىش مۇراسىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت يەتتە چوڭ ئاساسىي پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار تەسىس قىلىنىدۇ. يەنە ئالاھىدە پىلانلانغان «ھىندىستان كىنو ھەپتىلىكى» ۋە كىنو كېچىلىكى قاتارلىق 300 نەچچە تۈرلۈك پائالىيەتمۇ بولىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك «تيەنتەن مۇكاپاتى»دا، دۇنيا بويىچە مۇنەۋۋەر فىلىملەر داۋاملىق تاللىنىپ، ھەمدە پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىپ، 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن ئىشلەنگەن ئەلا سۈپەتلىك كىنولارنى توپلاش ئاساسىدا، ئۇلاردىن 15ى تاللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا كىنو ساھەسىدىكى داڭلىق ئەرباپلاردىن يەتتە كىشىنى تەكلىپ قىلىپ مۇكاپاتلاش كومىتېتى تەشكىللەپ، ئىدىيىۋىلىكى، بەدىئىيلىكى ۋە ھۇزۇرلىنىشچانلىقى قاتارلىق بىر قانچە جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال ئۆلچەملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ باھالاش نەتىجىسىدە، ئۇ فىلىملەردىن 10 تۈرلۈك مۇكاپاتقا تولۇق ئېرىشكەن نادىر فىلىملەر باھالىنىپ چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر