باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىتالىيە سىتسىلىيە چوڭ رايونىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

2019.03.25 17:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-چېسلا پالېرمودا ئىتالىيەنىڭ سىتسىلىيە چوڭ رايونى رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى. سىتسىلىيە چوڭ رايونى پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، ئۆلكە باشلىقى، پالېرمو شەھەر باشلىقى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سىتسىلىيەنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى، شۇنىڭدەك سىتسىلىيە رايونى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت ئالاقىسى ئەھۋالىغا ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىتسىلىيەنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى كۈچلۈك، كان مەھسۇلاتلىرى مول، سىتسىلىيەنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۇ قېتىم ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو-ئىتالىيە ئىككى تەرەپ سىتسىلىيەنىڭ ئاپېلسىنىنى جۇڭگوغا ئىمپورت قىلىش توغرىسىدا ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالىدۇق، سىتسىلىيەنىڭ سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو سىتسىلىيە بىلەن مەبلەغ سېلىش، ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر