باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولدى

2019.03.26 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ شىنجى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولدى، ھەمدە بىرازىلىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە كېڭەش باشلىقى ئاركولېمبۇرى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مايا، سوتسىيال لىبېرالىستلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بىۋار، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى نېتۇ قاتارلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى، پارتىيەلەر ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  بىرازىلىيە تەرەپ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر