باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.03.26 14:51   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25- مارت پارىژدىكى ئېلسىي سارىيدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تېخىمۇ پۇختا، مۇستەھكەم، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو-فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش بولدى، لېكىن جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەدىكى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. زۇڭتۇڭ ئەپەندى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يەنە يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، نۇرغۇن يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىل ئالاھىدە خاتىرىلەش ئەھمىيىتى بولغان بىر يىل بولۇپ، جۇڭگو-فىرانسىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ فىرانسىيەدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. قەدىمكىنى بىلگەندە بۈگۈنگە ئۆرنەك قىلغىلى بولىدۇ، بۇ تېخىمۇ ياخشى ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈندۇر. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئىنسانلار قاياققا ئىلگىرىلەشتەك تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا، جۇڭگو، فىرانسىيە، ياۋروپا ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرماقتا. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تارىخقا ۋارىسلىق قىلىپ، كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشنى، زىچ سىجىل بولغان جۇڭگو-فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدۇرۇپ، بىرلىكتە ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تارىخىي تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاچقۇچتۇر، ئەمەلىي ھەمكارلىق مۇقەررەر يولدۇر، خەلقنىڭ ھېسسىياتى ئاساستۇر. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-فىرانسىيە ئىككى تەرەپ بۇ ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان، ئۆز ئارا چۈشىنىدىغان، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىشى لازىم. سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش «توغى»نى مۇستەھكەملىشى ھەم غايىنىڭ «ماياكى»نى تىكلىشى لازىم. ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك سۆھبەتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتلەر، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، پارتىيەلەر، ئارمىيەلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇش لازىم. بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىنى ھۆرمەتلەش ۋە نەزەرگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش پىكىردە بىرلىككە كېلىپ، ئوخشىماسلىقنى ساقلاپ قېلىش لازىم. ب د ت، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملار ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، «پارىژ كېلىشىمى» ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى ئاساس قىلىنغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىي مىزانى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر