باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شى جىنپىڭنىڭ «خالىسلىق»ى بىر خىل يېڭى يۈكسەكلىكنى چۈشەندۈرىدۇ

2019.03.25 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  − «سىز جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىلىكىگە سايلانغان چاغدا، قانداق ھېسسىياتتا بولغانتىڭىز؟»، «دۇنيادىكى شۇنداق مۇھىم بىر دۆلەتنىڭ داھىيسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز قانداق ئويلىغانتىڭىز؟» − 22-مارت چۈشتىن كېيىن، ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى فىكو رەئىس شى جىنپىڭدىن شۇنداق سورىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ: بۇنچە چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن ئېغىر، خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق. مەن خالىس ئىشلەپ، خەلقنى نائۈمىدتە قويمايمەن. «خالىس» بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلاشنى خالايمەن، دېدى. بۇ سۆز ئېلان قىلىنىشى بىلەن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر ساھە زاتلىرى ئىچىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

  جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ ئىدىيەۋى كلاسسىك ئەسەرلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، بەزى دىنىي مەدەنىيەتلەردە «خالىسلىق»، «تۆھپىكارلىق»، «قۇربانلىق بېرىش» دېگەن سۆزلەر بار بولۇپ، ئادەمنى ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان گۈزەل مۇددىئا بار. بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغىنى، رەئىس شى جىنپىڭ سۆزلىگەن «خالىسلىق» بولسا ئۆزىنى ئۇنتۇپ، ھەر ۋاقىت خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىپ، جان-دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك قىممەتلىك روھ بولۇپ، خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن. خەلق خاراكتېرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، كوممۇنىستلار دەۋاتقان «خالىسلىق» دىنىي مەدەنىيەتلەردىكى «قۇربانلىق بېرىش»نىڭ مەنىسىدىن خېلىلا يۈكسەك بولۇپ، «خالىسلىق» دېگەن سۆزنىڭ يېڭى يېشىمى، يېڭى ئىشلىتىش ئۇسۇلىدۇر.

  يۈكسەكلىك ئەندىزىنى بەلگىلەيدۇ، دەيدىغان گەپ بار. «پارتىيە نىزامنامىسى»نىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسىدا: «پارتىيەمىزنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىدىن باشقا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتى يوق»، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، كوممۇنىستلارنىڭ «خالىس»لىقى كۆڭلىدىكى شەخسىيەتسىزلىكتە ئىپادىلىنىپلا قالماي، «قەلبىدە خەلق بار»لىقىدا تېخىمۇ گەۋدىلەنگەن.

  «خالىسلىق» يۈكسەكلىكى شۇنداقلا «ئۇلۇغ مەن»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىدۇر. «شى جىنپىڭنىڭ يەتتە يىللىق زىيالىي ياشلىق ھاياتى»، «چوڭقۇر مۇھەببەت ھەققىدە»، «شى جىنپىڭ جېڭدىڭ ناھىيەسىدە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇساق، ئاسانلا بىلەلمەيمىزكى، شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر ئامما ئۈچۈن ھەقىقىي ياخشى ئىش قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئارىلىقنى يىراق دېمەي بېرىپ تەكشۈرۈپ ئۆگىنىپ، شەنشى بويىچە تۇنجى پاتقاق گازى كۆلچىكىنى قۇرۇپ چىققان، ئۇ دېئامېتىرى 28 دىيۇملۇق ۋېلىسپىتىنى مىنىپ، كوچىمۇ كوچا يۈرۈپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جېڭدىڭ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يېڭى ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرغان. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشتىن-ئاخىر ئامما بىلەن بىللە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشلارنى ۋە ئاممىنىڭ ئوي-خىياللىرىنى تولۇق ئىگىلەپ، قارىغۇلارچە ئىش قىلىش ۋە ئالاقزادىلىكنى يېڭىپ، ئويلىنىپ ئىش قىلغاندىلا تولۇق ئىشەنچكە ئىگە بولۇپ، خەلققە بەخت يارىتىشتىكى ئەلا نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  پارتىيەمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا جۇڭگو كوممۇنىستلىرى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىپ بېكىتكەن. ئۇزاق كۈرەش مۇساپىسىدە ھايات-ماماتلىق سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، كوممۇنىستلار ئىزچىل ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. شيا مىڭخەن قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار «ھەقىقىي ئېتىقاد»قا ئىنتىلىپ، ھاياتى خەۋپكە ئۇچراشتىن قورقمىغان؛ چېن يى قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار «كاللىسى كېتىش»تەك جىددىي پەيتتىمۇ «مەنىسى نەدە»نى ئېيتقان. ماۋ زېدۇڭ «ئاۋامنى قۇتقۇزۇشنىلا ئويلاش» دېگەن مىسرالار ئارقىلىق، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىنقىلاب قىلىشتىكى «ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»تەك قورقماس روھىنى جانلىق نامايان قىلغان.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «مەن خالىس ئىشلەپ، خەلقنى نائۈمىدتە قويمايمەن»، دېگەن جاۋابى بىر خىل كەڭ قورساقلىقنى نامايان قىلغان. بۇ، «مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئوغلى»، «مەن خەلقنىڭ خىزمەتكارى» قاتارلىق ئاددىي، ئەمما چوڭقۇر مۇھەببەتلىك ئىزھارلارغا ئوخشاش چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلىشقا رازى بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئىدىيە يۈكسەكلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلغان.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «خالىس» يۈكسەك مەنزىلدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى ياراتقۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر