باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-ئايدىكى يېڭى بەلگىلىمىلەر: كۆپ ساھەلەر باج كېمەيتىش «قىزىل بولاق»ىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە غىزادا ھەمراھ بولۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

ياسىمىچىلىق سانائىتى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت باج نىسبىتى %16تىن تۆۋەنلەپ، %13كە چۈشىدۇ

2019.03.25 17:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاپرېلدىن باشلاپ، ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت باج نىسبىتى %16تىن تۆۋەنلەپ %13كە چۈشىدۇ، قاتناش-تىرانسپورت ۋە بىناكارلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت باج نىسبىتى %10 تىن %9كە چۈشىدۇ. بۇ، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۆرىدەپ يولغا قويۇلغان ئۈچ تۈرلۈك يانداش تەدبىر: بىرىنچىدىن، كىرىم بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، باج تاپشۇرغۇچىغا نىسبەتەن يېڭىدىن كۆپەيگەن قالدۇرۇپ قويۇلغان باج سوممىسى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، بىر قىسىم ماللار مۇناسىپ ھالدا ئېكسپورت مۇلازىمىتىدىن باج قايتۇرۇش نىسبىتى بويىچە تەڭشىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا، تۇتۇپ قېلىش نىسبىتىگە تەتبىقلىنىدۇ قاتارلىقلار.

  كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، كىرىم بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش دائىرىسى جەھەتتە، يىغىندا يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى ھەمدە باج تاپشۇرغۇچىنىڭ كۆچمەس مۈلۈك چىقىمىدىكى كىرىم بېجىدا، باجنى ئىككى يىلغا بۆلۈپ توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشتىن بىر قېتىمدىلا تولۇق سوممىلىق توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە ئۆزگەرتىلدى. پوچتا-تېلېگرافنىڭ ئاساسىي تىجارەت كەسپىي بولغان ھازىرقى زامان مۇلازىمىتى ۋە تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپىدە باج تاپشۇرغۇچىلار ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان تۈرلەرنىڭ %10 بويىچە كېمەيتىپ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ، سىياسەتنى يولغا قويۇش مۇددىتى ۋاقىتنچە 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قىلىپ بېكىتىلدى.

  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تاماق يەيدۇ

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ۋە دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە تۈزگەن «مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ بەلگىلىمە ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى يولغا قويغان ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەر، بالىلار باغچىسىغا تەتبىقلىنىدۇ.

  بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرى مەركەزلىك تاماقلىنىش، غىزادا ھەمراھ بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ھەر بىر ۋاقلىق تاماقتا مەكتەپنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە غىزالىنىشى كېرەك، غىزادا ھەمراھ بولۇش خاتىرىسىنى ياخشى خاتىرىلەپ، توپلىشىپ غىزالىنىش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ھەل قىلىش كېرەك. شارائىتى بار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىسىدا ئاتا-ئانىلار غىزادا ھەمراھ بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇناسىپ خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاتا- ئانىلارنىڭ مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىشى ۋە ئىنكاس قىلىشى كېرەك. بەلگىلىمىدە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسىدا ئومۇمەن مەكتەپ ئىچىدە دۇكان، تاللا بازىرى قاتارلىق يېمەكلىك تىجارىتى سورۇنلىرىنى تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ، ھەقىقەتەن تەسىس قىلىش زۆرۈر بولسا، قانۇن بويىچە ئىجازەت ئېلىشى ھەمدە تۇز، قەنت تەركىبى يۇقىرى ۋە يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر