باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېن باۋشېڭ: %86تىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرگە ئامانلىق ساقلىغۇچىلار سەپلەندى

2019.03.14 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى 12- مارت، 2019- يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ 4- مەيدان «مىنىستىرلار كارىدورى» خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تاراتقۇلارنىڭ مەركەزلىك زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى.

  مۇخبىرنىڭ «مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ جەريانىدىكى بىخەتەرلىكنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭىچە تەدبىرلەر ئېلان قىلامدۇ-قانداق؟»دەپ سورىغان سوئالىغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكتەپلەردە بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارمۇ ئۆزئارا يېقىندىن ماسلىشىپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن ئىبارەت بۇ كېسەللىكنى ئۇنىۋېرسال «داۋالاش» ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىپ، تەدبىرلەرنى قوللاندى. بۇ كېسەللىك بولسا، ئۇ بىر ئۇنىۋېرسال كېسەللىك، شۇڭا، ئۇنى تۈزەشتە چوقۇم ئۇنىۋېرسال ماسلىشىپ، كۆپ تارماقلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى كېرەك. بۇنىڭدىكى ئومۇمىي ئىدىيە بولسا، مەنبەدىن باشلاپ ئالدىنى ئېلىش، يەنى تۈپتىن تۈزەش، تۈزۈم جەھەتتىن كۈچەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتۇر. شۇڭا، ئۇنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئارقىلىق، ھازىر مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى .

  ھازىر %86تىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەردە ئامانلىق ساقلىغۇچىلار سەپلەندى، بۇ جەھەتتىكى بىخەتەرلىك سىستېمىسى ۋە ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ %70تىن ئارتۇقراقى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە يەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا زور ئۆلۈم ھادىسىلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش، قاتناش ۋەقەسى ۋە دەسسىلىپ كېتىش دېگەندەك ھادىسىلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى يىلىغا 15 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى، مانا بۇ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  چېن باۋشېڭ مۇنداق دېدى: يەنە بىر تەرەپتىن، بىز شۇنى ئېنىق كۆرمەكتىمىزكى، مەكتەپ بىخەتەرلىكى يەنە بەزى يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، شۇنداقلا بەزى يېڭى ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ، كونا مەسىلىلەر تېخى تولۇق ھەل بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، يېڭى مەسىلىلەر يەنە كۆرۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن يەنە داۋاملىق ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر