باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول يېڭى قاتناش خەرىتىسى يولغا قويۇلىدۇ

2019.03.25 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاپرېل سائەت نۆلدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول يېڭى قاتناش خەرىتىسى يولغا قويۇلۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يۈرۈش لايىھەسى ياخشىلىنىپ، بېيجىڭ-چىڭداۋ، بېيجىڭ-لەنجۇ، لەنجۇ-چېڭدۇ قاتارلىق ئوق پويىز گۇرۇپپىلىرىنىڭ قاتناش ۋاقتى قىسقىرايدىكەن، ئادەتتىكى تېز پويىزلارنىڭ قاتناش كۆلىمى ساقلىنىپ، يۈك تىرانسپورت ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  قاتناش خەرىتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، چىڭداۋ-بېيجىڭ لىنىيەسى ئۈچ سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكى ئىچىگە كىرىدىكەن. بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن چىڭداۋ شىمالى 1-بېكىتىگە بىۋاسىتە بارىدىغان «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز كۈندە بىر رەت بېرىپ-كېلىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن چىڭداۋ شىمالى بېكىتىگە ئۈچ سائەت ئەتراپىدا بېرىپ بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن، بۇ، خەرىتىنى تەڭشەش ئالدىدىكىدىن 49 مىنۇت قىسقىراپ، يولۇچىلارنىڭ بېيجىڭ بىلەن چىڭداۋ ئارىلىقىدا بېرىپ-كېلىشى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ قولايلىقلىشىدىكەن. بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىغا بارىدىغان G427/8 قېتىملىق پويىزنىڭ يولۇچى توشۇش كەسپىنى پەقەت شىئەن شىمالى ۋوگزالى، شەرقىي جېڭجۇ ۋوگزالى، شىجياجۇاڭ قاتارلىق ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرىدىكى ۋوگزاللاردا بېجىرگىلى بولىدىكەن، بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن لەنجۇ غەربىي ۋوگزالى يۆنىلىشىدىكى پويىزنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتى ئەسلىدىكى 8 سائەت 4 مىنۇتتىن 7 سائەت 23 مىنۇتقا قىسقىرايدىكەن، لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىدىن بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالى يۆنىلىشىگە قاتنايدىغان پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى 8 سائەت 32 مىنۇتتىن 7 سائەت 22 مىنۇتقا قىسقىرايدىكەن.

  لەنجۇ-چېڭدۇ ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ئوق پويىز قاتنايدىكەن. لەنجۇ-چېڭدۇ ئارىلىقىدا D762/3 ۋە D764/1 قېتىملىق «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز قاتنايدىكەن، لەنجۇ-چېڭدۇ ئارىسىدا بېرىپ-كېلىش ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6 سائەت 50 مىنۇت ۋە 6 سائەت 52 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن. يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شېنياڭدىن جامۇسقا، داليەندىن چىچىخارغا بارىدىغان ئوق پويىزدىن بىر جۈپ كۆپەيتىلىدىكەن. شيوڭئەن يېڭى رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ھازىرقى بەيياڭديەن بېكىتىدە توختايدىغان پويىزدىن 39ى بار بولۇش ئاساسىدا، يېڭىدىن 10 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىكەن. مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول ئادەتتىكى سۈرئەتلىك پويىزىنىڭ قاتناش كۆلىمى ساقلاپ قېلىنىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە 1203 جۈپ ئادەتتىكى سۈرئەتلىك پويىز قاتنايدىكەن. بۇ، خەرىتىنى تەڭشەشتىن بۇرۇنقىدىن 29.5 جۈپ ئاشىدىكەن، 81 جۈپ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى ئاستا پويىز داۋاملىق قاتناپ، يولۇچىلارنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر