- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ ئىتالىيە، موناكو ۋە فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى
2019.03.21 15:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 20- چېسلا جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ چاۋ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىتالىيە، موناكو ۋە فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
ۋاڭ چاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ماتارېرا، موناكو بەگلىكىنىڭ باشلىقى شاھزادە ئالبېرت Ⅱ ۋە فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رەئىس شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە ئىتالىيە، موناكو ۋە فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا سەپىرى بولسا، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى بولۇپ، ئۇ جۇڭگو-ئىتالىيە، جۇڭگو-موناكو ۋە جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر