خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 19-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. گو شېڭكۈن ئالدى بىلەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قانۇنشۇناس ۋە قانۇن خىزمەتچىلىرىگە سەمىمى سالام يوللىدى.
گو شېڭكۈن سۆزىدە مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا تارىخىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ياخشى قانۇندا، ياخشى ئىدارە قىلىش يېڭى مەنزىلىگە قاراپ مەزمۇت قەدەم تاشلىدى. ھەر دەرىجىلىك قانۇن ئىلمىي جەمئىيەتلىرى قانۇنشۇناس، قانۇن خىزمەتچىلىرىنى تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق دۆلىتى قۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.
مەنبە: خەلق تورى