باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ ئىتالىيە رىمدىكى دۆلەتلىك ياتاقلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يازدى

2019.03.19 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋاب خەت

  مەكتەپ مۇدىرى رېئالې، ساۋاقداشلار:

  سىلەرنىڭ خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، ساۋاقداشلارنىڭ ئويلىغىنىنى راۋان خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

  مەكتىپىڭلار خەنزۇچە خەلقئارا تەبىئىي پەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئېچىپ، جۇڭگو-ئىتالىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلىغان بىر تۈركۈم ياشلارنى يېتىشتۈردى. ساۋاقداشلار خېتىدە كۇڭزى دەرسخانىسى تۈرى ئارقىلىق جۇڭگونى تېخىمۇ يېقىندىن چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ چوڭلۇقى ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىنى بىلگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپتۇ. بۇ سىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىدىن ئالغان ھوسۇلۇڭلار. سىلەر جۇڭگو-ئىتالىيە ياشلىرىنىڭ ئىدىيە جەھەتتە سۆھبەتلىشىش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگو-ئىتالىيە خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئىرادە باغلاپسىلەر، بۇنىڭغا ئىنتايىن قايىل بولدۇم. سىلەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى ماركو پولو بولۇپ، جۇڭگو-ئىتالىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئەلچىسىگە ئايلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ياشلىق ھامان ئارزۇ بىلەن سەپەرداش. سىلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپكە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرۇپسىلەر. سىلەرنىڭ ياشلىقىڭلارنى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتمەي، ئارزۇلىرىڭلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرنىڭ جۇڭگو كېلىپ ئوقۇشۇڭلارنى ۋە خىزمەت قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن، جۇڭگونىڭمۇ سىلەرنىڭ ئارزۇلىرىڭلارنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ماكانغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  2019-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىتالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا، ئىتالىيە رىمدىكى دۆلەتلىك ياتاقلىق مەكتەپنىڭ مۇدىرى رېئالې ۋە سەككىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىگە تەقەززا بولۇۋاتقانلىقى ۋە جۇڭگو-ئىتالىيەنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىگە بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئىتالىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر