باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 3- قېتىملىق ۋە 4-قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزدى

لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.03.15 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 14- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 3- قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئادەم 176، قاتناشقان ئادەم 172، قاتنىشالمىغان ئادەم 4، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولدى.

  3- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، بۇ لايىھەنى قاراپ چىقىپ، لايىھە تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېينىڭ دوكلاتى، يەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلار كومىتېتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلار كومىتېتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تەكلىپ خاراكتېرلىك ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى ماقۇللاندى، لايىھەنىڭ تەكلىپ بېرىلگەن نۇسخىسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 14- چېسلا چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 4- قېتىملىق يىغىن ئاچتى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئادەم 176، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم 169، يىغىنغا قاتناشمىغان ئادەم 7، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولدى.

  3- ئاينىڭ 14- كۈنى، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، 2018- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، 2018- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنىڭ ئالتە پارچە قارار لايىھەسى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنىڭ لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىش لايىھەسى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى، ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جاڭ رۇڭشۈننىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارىمۇ مۇشۇ يىغىننىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا بىردەك قوشۇلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، تۈرلۈك قارار لايىھەلىرىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى ۋە 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى جاڭ رۇڭشۈننىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش لايىھەسىنى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاۋازغا قويۇشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر