باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يېڭى زېللاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسىدا قانداق مەسىلىلەر ئاشكارىلاندى؟

2019.03.18 17:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى زېللاندىيەنىڭ جەنۇبىي ئارىلىدىكى كىرىستچېرچ شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسىنىڭ ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى ئاۋستىرالىيەلىك تارانت 16-چېسلا كىرىستچېرچتىكى يەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم سوتلاندى. ئۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى قاتارلىق كۆپ خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن.

  يېڭى زېللاندىيە ساقچى باش مەھكىمىسىنىڭ 15-كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئەتىگەندە كىرىستچېرچ شەھىرىدىكى ئىككى مەسچىتتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش دېلوسىدا 49 ئادەم قازا قىلغان، 48 ئادەم يارىلانغان.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى تېخىمۇ كۆپ ئويلىنىشقا تېگىشلىك چوڭقۇر قاتلامدىكى مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىدى. جۈملىدىن قورال-ياراغ باشقۇرۇش مەسىلىسى، ئاق تەنلىكلەر ئىرقىيپەرەسلىك قاتارلىق ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقىلىش مەسىلىسى قاتارلىقلار.

  قورال-ياراغ باشقۇرۇشتا يوچۇق كۆرۈلدى

  يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى ئاردېرن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ، يېڭى زېللاندىيە تارىخىدىكى «ئەڭ زۇلمەتلىك بىر كۈن» بولدى، بۇ قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىر قېتىملىق تەشكىللىك، پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان «تېررورلۇق ھۇجۇمى»دۇر.

  يېڭى زېللاندىيە قورال ئېلىپ يۈرۈش قانۇنلۇق دۆلەت، 16 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالار ئالاقىدار بىخەتەرلىك تۈرى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىللىق قورال ئېلىپ يۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالالايدۇ. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى زېللاندىيەدە ئەل ئىچىدە تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ تال قورال-ياراغ بار بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھەر ئۈچ ئادەمدە دېگۈدەك بىردىن تاپانچا بار ئىكەن.

  خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تارانت 2017-يىلى 11-ئايدىن تارتىپ، قورال ئېلىپ يۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئالغان. ئاردېرن جىنايەت گۇماندارىنىڭ «قانۇنلۇق» ھالدا يېرىم ئاپتوماتىك مىلتىق، تاپانچا قاتارلىق ھەرخىل قورال-ياراغلارنى قولغا چۈشۈرگىنىگە ناھايىتى ھەيران بولدى ھەمدە قورال-ياراغ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى ئۆزگەرتىشكە قەسەم قىلدى.

  كرستچېرچ شەھىرىدىكى بىر جايدا يېڭى زېلاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ «قورال-ياراغ شەھەرچىسى» بار، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆزنى ئالا-چەكمەن قىلىۋەتكىدەك ھەر خىل ھەقىقىي قورال-ياراغلار ۋە ئوق-دورىلار بار. بۇ «مىلتىق شەھەرچىسى» يەنە زەنجىرسىمان تىجارەت قىلىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي ئارالنىڭ باشقا بىر شەھىرى دۇنېدىندىمۇ كۆلىمى ئوخشاش چوڭلۇقتا دۇكىنى بار.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە، نۆۋەتتە جىنايەتچىلەرنى مىلتىق-تاپانچا ئارقىلىق «قورال-ياراغ شەھەرچىسى» بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ شۈبھىسىزكى يوشۇرۇن جىنايەتچىلەرنى جىنايەت مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ رولى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش

  ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى بۇ پاجىئەلىك دېلونى يېشىپ چۈشەندۈرۈش جەريانىدا، ئاشكارىلانغان مەسىلىلەر ھەرساھەدىكىلەرنىڭ ئويلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى تارانت Facebook دىكى ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قاتىللىق قىلىش جەريانىنى بىۋاسىتە كۆرسەتكەن. Facebook تەرەپ ساقچى تەرەپنىڭ تارانتنىڭ نومۇرى ۋە سىننى ئۆچۈرۈش تەلىپىنى قۇبۇل قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا، تارانت ئون نەچچە مىنۇت بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن. ئەمما قاتىللىق يۈز بەرگەن شۇ كۈنى، تارانت يەنە تىۋىتتېردىكى ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق بىر پارچە ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاق تەنلىكلەر ئىرقىيپەرەسلىك ئەسەبىي ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلغان.

  «يېڭى زېللاندىيە باشلامچىلار گېزىتى» مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ، تۇنجى قېتىم ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاستىسىدا تارقىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ قىلغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى»، ھەمدە مۇنداق دەپ قارىدى: ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىنىڭ بۇنداق ۋەقەلەردە ئوينىغان رولىغا قارىتا كىشىلەرنىڭ «سەۋر-تاقىتى قالمىدى».

  يېڭى زېللاندىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى ھېلىن كلارك شۇ يەردىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا مۇنداق دېدى: ئالاقە تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ ئۆچمەنلىك سۆزلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش جەھەتتىكى ئىنكاسى ئاستا، ھەتتا ئويلىمىغان يەردىن بۇ قاتىلغا 17 مىنۇتلۇق بىۋاسىتە كۆرسىتىش پۇرسىتى بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىش پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئالاقە تاراتقۇ سۇپىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىنى كۈچەيتىدۇ.

  ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى جاۋىد شەخسىي تىۋېتتىرىدا Facebook، تىۋېتتىر، يۇتۇب قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئالاقە تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىپ، زوراۋانلىق ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنىڭ شۇ سۇپىلار ئارقىلىق تارقىلىشىنى توسۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ۋەقە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ئېغىر بولدى

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مەشھۇر بولغان يېڭى زېللاندىيەگە بىر قاتار تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.

  ئالدى بىلەن، يېڭى زېللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئاساسلىق شەھەرلەردىن ۋېللىنگتون، ئوكلانددا ساقچى كۈچى زور دەرىجىدە كۈچەيتىلىپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە، جەنۇبىي ئارالدىكى كرستچېرچ رايونى، ھەتتا پۈتكۈل يېڭى زېللاندىيەنىڭ ساياھەتچىلىكى بەلكىم زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، ساياھەتچىلەرنى قانداق قىلىپ قايتىدىن جەلىپ قىلىش شۇنداقلا بىر تۈرلۈك يېڭى ۋەزىپىدۇر.

  ئۇندىن قالسا، يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى تېخى ئەمدىلا ئۇرۇش ۋە نامرات رايونلاردىكى مۇساپىرلار، كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش نورمىسىنى ئۆستۈرۈشكە ۋەدە بەرگەنىدى. بۇ ۋەقەنىڭ يېڭى زېللاندىيە جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تېخىمۇ سەزگۈرلۈككە ۋە مۇرەككەپلىككە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر