باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇر بەكرى قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمىتىدىن ھەيدەلدى

2019.03.18 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، نۇر بەكرى تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلىپ، تەشكىلىي سۆھبەت ۋاقتىدا مەسىلىسىنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەن؛ ئاچكۆزلۈك قىلىپ چىرىكلەشكەن، جەمەت خاراكتېرلىك چىرىكلەشكەن، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىق ياكى خىزمەت ھوقۇقى، مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت يۆتكىلىش، كارخانا تىجارىتى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى باشقا تۇغقانلىرى ئارقىلىق باشقىلاردىن زور سوممىلىق مال- مۈلۈكلەرنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان، باشقىلاردىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇزاققىچە ھەقسىز ئالىي دەرىجىلىك ماشىنا، مەخسۇس شوپۇر قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغان، كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئالىي دەرىجىلىك زىياپەتلەرنى قوبۇل قىلغان، زور سوممىلىق سوۋغات، ھۆرمەت پۇلى ئالغان؛ تۇرمۇشتا راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ، ئىسراپخورلۇق قىلغان، ئەخلاقى بۇزۇلۇپ، ھوقۇق - سەتەڭ سودىسىغا بېرىلگەن.

  نۇر بەكرى غايە ۋە ئېتىقادىنى يوقاتقان، ئۇنىڭدا «تۆت ئاڭ» قىلچىمۇ يوق، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەن ۋە پارا ئېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ھۇشىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، ھېيىقىشنى، ئەيمىنىشنى بىلمىگەن، خاراكتېرى ئىنتايىن يامان، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشى ھەمدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، نۇر بەكرىگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، چېتىشلىق مال-مۈلكى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر