باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ كىتابچىسى، سىنلىق ۋە رەسىملىك نەشرى، ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق كىتاب نۇسخىسى نەشر قىلىندى

2019.03.18 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىدا بەرگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»ىنىڭ كىتابچىسى، خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.

  كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، خەلق نەشرىياتى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ( 2019 ) سىنلىق ۋە رەسىملىك نۇسخىسى»نى نەشر قىلدى. بۇ كىتابچە دوكلات تېكىستىنىڭ ئىچىدە، 30دىن ئارتۇق سىنلىق كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك كودى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملىك كۆرسەتمىلەر، ئىزاھاتلار قاتارلىق چۈشەندۈرۈش مەزمۇنلىرى قىستۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق نەشرىياتى يەنە تۇنجى قېتىم «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ناملىق ئېلېكتىرونلۇق كىتابنى ئېلان قىلىپ، نۇرغۇن تور سۇپىلىرىدا ماس قەدەمدە ئېلان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر