باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمەت نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.03.18 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىنكى «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كادىر تەيىنلەش نىزامى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، 18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمى، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشتىكى سىياسىي ئۆتكەل، ئەخلاق ئۆتكىلى، ئىقتىدار ئۆتكىلى، ئىستىل ئۆتكىلى، پاكلىق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش كەيپىياتىنى قەتئىي توغرىلاپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، زور ئۆزگىرىش بولۇشنى ئىلگىرى سۈردى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «كادىر تەيىنلەش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «كادىر تەيىنلەش نىزامى» پارتىيەنىڭ مۇھىم ئىچكى نىزامى بولۇپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قوللانمىسى. 2014-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنغان «كادىر تەيىنلەش نىزامى» ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «كادىر تەيىنلەش نىزامى»دا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئۆلچەمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى توغرا، ئىلمىي ئۆستۈرۈش-تەيىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق تەلەپ قويۇشنى باش-ئاخىرىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەمىزنىڭ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش خىزمىتى داۋامىدا شەكىللەنگەن ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قوبۇل قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالاقىدار يېڭى سىياسەت، يېڭى نىزاملار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، كادىرلار خىزمىتى داۋامىدا كۆرۈلگەن بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش- تەيىنلەش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشقا، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر