باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت2018- يىللىق خاتىرىسى» ۋە «ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشتىكى 2018- يىللىق خاتىرىسى»نى ئېلان قىلدى

2019.03.15 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى «ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت 2018-يىللىق خاتىرىسى» ۋە «ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشتىكى 2018- يىللىق خاتىرىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى پاش قىلدى.

  مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بولسا، مۇقەددىمە، پۇقرالىق ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، پۇل سىياسىيسى كەڭ ئومۇملىشىش، باي-نامراتلىقنىڭ بۆلۈنۈشى كۈنسېرى ئېغىرلىشىش، ئىرقىي كەمسىتىش تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىش، بالىلار خەۋپسىزلىكىنىڭ كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىشى، جىنسىي كەمسىتىشنىڭ كىشىلەرنى چۆچۈتىشى، كۆچمەنلەر تىراگېدىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئېلىپ كېتىشى، بىر تەرەپچىلىكنىڭ كىشىلەر كۆڭلىگە ياقماسلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، تولۇق تېكىستى خەنزۇچە خەت ھېسابىدا تەخمىنەن 12 مىڭ خەت كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرز يەتكۈزۈش خاتىرىسىنىڭ تولۇق تېكىستى 10 مىڭ خەتتىن ئاشىدۇ.مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: شۇ جاي ۋاقتى 13- مارت، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى «دۆلەت ئايرىمىسى بويىچە ھازىرلانغان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىرىنىڭ 2018- يىللىق دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى 190 نەچچە دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋاللىرىغا قول شىلتىپ تۇرۇپ قارا چاپلىدى، ئەمما ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ھېچ پەرۋا قىلماي، كۆرمەسكە سالدى. ئەگەر كىشىلەر 2018- يىلى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى سەل-پەل كۆزەتسە، شۇنى بايقاش تەس ئەمەسكى، ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى»دەپ تەرىپلەيدىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە يەنىلا نۇرغۇن ناچار داغلار مەۋجۇت، تىلغا ئالغۇدەك ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق، ئۇنىڭدا، ئامېرىكا يولغا قويغان كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوش ئۆلچىمى ئاشكارىلىنىپ تۇرىدۇ.

  كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018- يىلى ئامېرىكىدا جەمئىي 57 مىڭ 103تۈرلۈك قورال-ياراغ دېلوسى يۈز بېرىپ، 14 مىڭ 717 ئادەم قازا قىلغان، 28 مىڭ 172 ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 3502سى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. 2018- يىلى ئامېرىكىدا 94 قېتىم مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بېرىپ، 163 ئادەم قازا قىلدى. بۇ، ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەندىن بۇيان مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش دېلوسىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان ۋە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان بىر يىل بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر