باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت تۇرالغۇ جايلار مەھكىمىسى جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ دەريا بۇلغىنىشىنى تۈزەش تەجرىبىسىنى قوللىدى

2019.03.14 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۇرالغۇ جايلار مەھكىمىسى ۋە جۇڭگو تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى بىرلىكتە «دەريالارنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش: جۇڭگو ۋە باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىسى» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلدى. ب د ت تۇرالغۇ جايلار مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى شېرىف خانىم دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دەريا يولىنى تۈزەشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ياخشى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

  ب د ت تۇرالغۇ جايلار مەھكىمىسى بىلەن تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇشۇ ئارىلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن 4- نۆۋەتلىك ب د ت مۇھىت يىغىنىدا بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلغان. شېرىف خانىم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېخنىكا تەتقىقاتى، باشقۇرۇش ۋە مالىيە قاتارلىق جەھەتلەردە شەھەرلەردىكى دەريالارنىڭ سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.بۇ تىرىشچانلىقلار بولسا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق «دەريا باشلىقى تۈزۈمى»نى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ خانىم يەنە مۇنداق دېدى: مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، بۇ دوكلات جەزمەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ جۇڭگودىكى دەريالارنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ تۈزىتىلىش تەجرىبىلىرىنى چۈشىنىشىگە، ھەمدە بۇلغانغان سۇلارنى سىجىل ھالدا بىر تەرەپ قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان دەريالارنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى قاتارلىقلارغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىگە ياردەم بەرگۈسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر