باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىلى ماۋ زۇڭفۇ: ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك

2019.03.15 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيا ساغلاملىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ماۋ زۇڭفۇ ۋەكىك مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئارقا ـ ئارقىدىن كۆپ تۈرلۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، داۋالاش بايلىقى بىلەن كۈتۈنۈش بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭىچە كۈتۈنۈش ئەندىزىسىگە ئىلھام بەردى. گەرچە بۇ سىياسەتلەردە بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن، داۋالاش بايلىقى بىلەن كۈتۈنۈش بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈشتىكى توسالغۇلار يەنىلا ناھايىتى كۆپ بولماقتا، ساغلام ھالدا قېرىلىشىش يولى تېخى ناھايىتى ئۇزۇن بولماقتا.

  ۋەكىل ماۋ زۇڭفۇ، ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈش تەكلىپىنى بېرىپ، مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، ئائىلە، مەھەللە ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەكلىدىكى كۈتۈنۈش جەريانىدا، ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمىتىنى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇپ، دوختۇرلارنى ياشانغانلارنىڭ ساغلام «ئىشىك باقار»ىغا ئايلاندۇرۇپ، ياشانغانلار توپى ئۈچۈن دائىملىق ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ياشانغانلارنى كۈتۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش لازىم؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاشنى ئاساس قىلىپ، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، دوختۇرلارنىڭ ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر