باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2019- يىلىنىڭ بېشىدىكى ئايلىنىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى

2019.03.15 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 14- مارت گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 1- ئاي ۋە 2- ئايدا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ۋە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىغان. ھازىر ئۇنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى تەدرىجى روشەنلەشمەكتە.

  مەبلەخ سېلىش، ئىستېمال، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يىل بېشىدىكى ئايلىنىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئىقتىسادىي يۈرۈشۈشنىڭ «مۇقىم»لىقى، ئاساسلىقى دۆلەت ئىچكى ئېھتىياجىنىڭ مۇقىم ئۆرلىشى، قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشى، بازار كۆزلىمىسىنىڭ يۈزلىنىشىنىڭ ياخشى بولۇشى قاتارلىقلاردا ئىپادىلەنگەن. بىراق، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش بىلەن ئىشچى قوبۇل قىلىش تەس بولۇش تەڭلا مەۋجۇت بولغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، دىققەت قىلىش زۆرۈر بولماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر