باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات-خەۋەر خىزمىتىگە قاتناشقان ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى

2019.03.14 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 13 - چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات-خەۋەر خىزمىتىگە قاتناشقان خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، نۇر گېزىتى، ئىقتىساد گېزىتى، جۇڭگو گېزىتى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى گېزىتى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋە جۇڭگو سىياسىي كېڭەش ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تەھرىر-مۇخبىرلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى، ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ئاخبارات ئورۇنلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىننى ياخشى ئېچىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يىغىندا ۋە يىغىندىن كېيىن، توردا ۋە تور سىرتىدا تۇتاش بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىشتا، ھەمدە گېزىتلەر، تورلار، تېرمىناللار، ئۈندىدار سۇپىسى ۋە ئېكران قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى فوكۇسلىغان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش نەتىجىسىنى كۆپ خىل شەكىل، كۆپ نۇقتا ۋە كۆپ قاتلاملىق ھالدا تەشۋىق قىلدى، ھەم شۇنداقلا كەڭ ئەزالارنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئەقىل كۆرسىتىشتەك خىسلەتلىرىنى نامايان قىلىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، توردا ۋە تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر سىزىپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر