باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 2- قېتىملىق ۋە 3-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.03.15 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 2- يىغىنى 14- مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلار كومىتېتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىش پىكىرى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى بەردى، ھەمدە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش تەكلىپ نۇسخىسىنى قاراپ چىقتى.

  يىغىندا، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئۈچ قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزۈش ئورگىنالى قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭنىڭ بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، شۇنداقلا بۇ دوكلات قاراپ چىقىلدى.

  يىغىن چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش تەكلىپ نۇسخىسى، شۇنىڭدەك يۇقىرىقى قارار لايىھەسى ۋە دوكلاتلارنى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى 3- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 3- يىغىنى 14- مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېينىڭ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسى تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەمدە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، 2018- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، 2018- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019- يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ پىلانى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئالتە تۈرلۈك قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەمدە بۇ ئالتە تۈرلۈك قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر