باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل جۇ جاۋيۈن سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، مىللىيچە تېبابەت دورىلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش لازىم، دېدى

2019.03.14 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يۈننەن بەيياۋ گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەتقىقات باش نازارەتچىسى جۇ جاۋيۈن: دورا ئىشلەپچىقىرىش، ياساش، توشۇش قاتارلىق ھالقىلاردا سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتقاندا، ئاندىن دورىلارنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، دېدى. ئۇ مۇنداق قارىدى: دورىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مىللىيچە دورىلارنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىرىپ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش __ بۇ بىر نىشان، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياسىمىچىلىقتا سۈپەتلىك ياساش، ئەقلىي ياساشقا بولغان تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تاماملاش لازىم.

  جۇ جاۋيۈن يۈننەن بەيياۋ گۇرۇھىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلدى. يۈننەندە جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بايلىقى ھەمدە كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تىبابەتچىلىك، دورىگەرلىك جەۋھەرلىرى مول، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقى قوشۇلۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىت ھازىرلىغان. «100 يىللار ئىلگىرى، يۈننەندىكى يىزۇلارنىڭ چۈ خۇەنجاڭ ئىسىملىك بىر داڭلىق يەرلىك دوختۇرى يۈننەن بەيياۋ تالقان دورىسىنى كەشىپ قىلغان، بۇ ئاساستا نەچچە ئەۋلاد بەيياۋلىقلار پلاستېر چاپلاق، تۇمانلاشتۇرغۇچى دورا، دورىلىق چاپلاق، كاپسۇل قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى دورا تىپىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، مەھسۇلاتلارمۇ چوڭ ساغلاملىق ساھەلىرىگىچە كېڭەيدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر