باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى چىڭخەيگە مەركەزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 100 مىليون يۈەن ئاجراتتى

2019.03.14 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-مارت جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى چىڭخەي ئۆلكىسىگە مەركەزنىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 100 مىليون يۈەن چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ، گولو قاتارلىق جايلاردا ئېغىر قار ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن.

  جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018-يىلى 12-ئايدىن بۇيان، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ، گولو قاتارلىق جايلاردا ئومۇميۈزلۈك تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەپ قار ياغغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن، جۇغلانما قارنىڭ قېلىنلىقى چوڭقۇر بولۇپ، قىسمەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى قىيىنچىلىققا ئۇچراتقان، نۇرغۇن چارۋىلار يەم-خەشەك كەمچىل بولغانلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئېغىر ئاپەت ئالدىدا، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئاپەت رايونىغا بېرىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغان. نۆۋەتتە، ئاپەت رايونىدىكى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى تەدرىجى نورماللىشىۋېتىپتۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر