- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بولغان ناچار قەرز پۇل نىسبىتىگە يول قويۇش دەرىجىسى كەڭ قويۇۋېتىلىدۇ
2019.03.14 16:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى يېقىندا «2019-يىلى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بولغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، سودا بانكىلىرىدىن ھازىرقى كىچىك، مىكرو كارخانىلار كىرېدىت خەۋپ-خەتىرىنى ئومۇمەن كونترول قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بولغان ناچار قەرز پۇل نىسبىتىگە يول قويۇش دەرىجىسىنى تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ناچارلىق نىسبىتىدىن 1.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولمىغان چەكتە قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىلىدىغان قەرز پۇلغا قارىتا، پۈتۈن بىر يىلدا «قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولماسلىق، قەرز ئالغۇچىلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تۆۋەن بولماسلىق» تىن ئىبارەت «ئىككىنى ئاشۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بانكىلاردىن 2019-يىلى خەلق بانكىسىنىڭ كىچىك بانكىلارنى قوللاش قايتا قەرزى ياكى سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا ئايلانما قەرز مەبلىغىنى ئىشلەتكەن ھەمدە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركىتى كېپىللىك قىلغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرزىگە قارىتا، ئۆسۈم نىسبىتى باھاسىنى بېكىتىش قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر