باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركىل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» كېلىشىمى ئۈستىدە يول بېرىشى ئەڭ ئاخىرقى لايىھەدۇر، دېدى

2019.03.13 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 12-چېسلا مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە بىر قېتىم ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش كېلىشىمى ئۈچۈن يول بەردى، ئەنگلىيە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشىغا ئېتىبار بەردى، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلىگەن ئەڭ ئاخىرقى لايىھىسىدۇر.

  مېركېل شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن زىيارەتكە كەلگەن بېلگىيە باش ۋەزىرى مىچېل بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» مەسىلىسىدىكى كەيپىياتى، ئېھتىياجى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئاللىقاچان ناھايىتى تىرىشچانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇردى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت 11-چېسلا كەچتە يەنە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش كېلىشىمى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم يول قويدى.

  مېركېل مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ مۇھىم بىر قەدەم، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قەدەم، دېدى. گېرمانىيە جۇنكېرنىڭ كۆز قارىشىنى قوللايدۇ.

  مېركىل يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تەرتىپلىك چىقىپ كېتىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ ھەمدە ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ.

  بۇلتۇر 11-ئايدا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئەنگلىيە بىلەن تۈزگەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىغان. بۇ يىل 1-ئايدا، ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى بۇ كېلىشىمنى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق رەت قىلدى ھەمدە بىر تۈرلۈك ئالاقىدار تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئارقىلىق، باش ۋەزىر تىرىسا مېيدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كېلىشىمدىكى «ئىرېلاندىيە چېگرا مەسىلىسى»گە چېتىشلىق مەزمۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيە بىلەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قوشۇلغان.

  ئەنگىلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى 12-چېسلا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» كېلىشىمىگە قارىتا ئىككىنچى قېتىم بېلەت تاشلاپ ئاۋازغا قويىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر